خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى ئەۋجىگە چىقتى

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى شەنبە كۈنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. خىتاينىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى شەنبە كۈنى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاسىياغا قاراتقان يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىنى «بۇزغۇنچى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.07

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىستاژىنى قىسقارتىدىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ياڭيى بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە توختىلىپ: شۇنىسى ئېنىقكى بۇ يېڭى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى خىتاي ۋە ئىراننى نىشان قىلغان، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە: كىمنىڭ رايون بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىغۇچى ۋە كىمىنىڭ بۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى ئازراق ئىستراتېگىيە ساۋادى بار ھەر قانداق ئادەم ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ، دەپ يېزىپ ئامېرىكىنى رايون بىخەتەرلىكىنى بۇزغۇچى دەپ كۆرسەتكەن.

ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ شىخۇ ئاگېنتلىقىمۇ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى «رايون خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئەپ كېلىدۇ» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.