ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىدۇ

ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا خىتاينى بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلماقچى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ھەربىي قوماندانلىرى خىتاينى بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىگە خىزمەت ئىشلەيدىكەن.

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى تىمۇسىي كىتىڭ ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە باش قوماندانى ئانگۇس ھۇستون سىدنىيدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن بۇ پىكىرگە كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ خىتاينى مانېۋىرغا قاتنىشىشقا ماقۇل كەلتۈرۈش ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئىككى دۆلەت قوماندانلىرى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈش، ئارىدىكى ئەندىشىنى ئازايتىش ۋە مۇناسۋەتلەرنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيىتقان.

ئامېرىكا تېنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزى باش قوماندانى تىمۇسي كېتىڭ سۆزىدە، بىز خىتاينىڭ ئەسكىرى خىراجەتلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن بىلىشنى ۋە خىتاي بىلەن ئەسكىرى ۋە سىياسىي جەھەتتە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز، دېگەن.