خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 ‏ - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.23

شۇنداقلا دوكلاتتا، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ھەمدە دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت بۆلۈمىدە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىك ماددىسىغا خىلاپ ھالدا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، يەر ئاستى خرىستئان چېركاۋلىرىنى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى چەكلەش ۋە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.


23 - سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ 2008 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى"غا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانات بەرگەن.

ئۇ باياناتىدا " ئامېرىكا ئېلان قىلغان 2008 - خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ دىنىي ھەم مىللىي سىياسىتىنى بۇرمىلىغان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوق، بىز ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە كۈچلۈك قارشىلىق ۋە نارازىلىق بىلدۈرىمىز " دېگەن.

جياڭ يۈ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ھەم قوغدايدىغانلىقىنى، بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەمما ئىنكاس ھەمدە ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ئېيى بولغان ھازىرقى مەزگىلنىڭ ئۆزىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى، مەسچىتكە كىرىشى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.