خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە توخۇ مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ بەزى تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتايدا توخۇ ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر شىكايەتكە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.14

ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇپ، ئۆچ ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى خىتاي يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا توخۇ مەھسۇلاتى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقانلىقىغا ئائىت شىكايىتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لېكىن ئامېرىكىنىڭ بەزى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتايدا ئىشلەنگەن كامىرغا 35% باج قويىدىغانلىقى، خىتاينىڭ پولات چىۋىق مەھسۇلاتىدىن باج ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتايدا ئامېرىكىغا قارشى دولقۇن پەيدا قىلىپ، تور بەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا غەزىنە چېكى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىدىغان تەلەپ - چاقىرىقلار كۈچەيگەن. خىتاي سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ بۇ قارارىنى "سودا بېكىنمىچىلىكى" دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭ "يامان ئۆلگە" يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭ "سودا قورۇقچىلىقى" ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۈشەنبە كۈنى سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەرز سۇنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.