خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى قورشىۋالدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئوچۇق دېڭىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنى خىتاينىڭ بەش دانە كىچىك تىپتىكى ھەربىي پاراخوتى قورشىۋالغان ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-03-09
Share

"بوستون ئۇچۇرلىرى" تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاق ساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس رەسىمىي ئېتىراز نامىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي مۇشاۋۇرىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت گىببس: " بىز بۇ ئوچۇق دېڭىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. خىتاي بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك" دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى جەنۇبى خىتاي دېڭىزدىكى ئوچۇق دېڭىز رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا يېقىنلاشقان ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تولۇق قوراللانغان خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى قورالسىز ئامېرىكا پاراخوتىغا 8 مېتىر قالغۇچە يېقىنلاشقان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى ئىشتانلىرىنى سېلىپ ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ چىشىغا تەككەن بولۇپ، نەتىجىدە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ئوت ئۆچۈرۈش سۇ ناسوسى بىلەن خىتاي پاراخوتىغا سۇ چېچىپ قوغلىۋەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت