جاڭشىنىڭ بىر پولات تۆمۈر شىركىتى ئاتۇشتا قۇرۇلۇش باشلىدى

شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جاڭجىڭ پولات - تۆۈمۈر شىركىتى تۈنۈگۈن ئاتۇشتا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىغان. قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىشتىراك قىلغان. قۇرۇلۇش بىر يېرىم يىلدا تاماملانماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.03

خەۋەردە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 69 خىل كان مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ زاپىسى بايقالغانلىقى، بۇنىڭ دۆلەت بويىچە، كان مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ 40%نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر شىركەت ئاتۇشنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن پايدىلىنىش ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پولات مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەمئىي 7 مىليارد 500 مىليون يۇئەن مەبلەغ ئايرىغان. ئەگەر قۇرۇلۇش تاماملانسا، يىلىغا بىر مىليون توننا يۇقىرى سۈپەتلىك پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلماقچى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىدۇر.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىققا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە كارخانىچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشتا ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلەشكە ۋە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.