خىتاي بارىكۆل يايلاقلىرىنى بۇزۇپ تېگىدىكى كۆمۈرنى قېزىۋالماقچى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا بارىكۆل يايلاقلىرىنى بۇزۇپ تېگىدىكى كۆمۈرنى قېزىۋېلىش ئۈچۈن گېئولوگىيىلىك قىدىرىش باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.03.02

30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا 50 مىليارد 500 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بار، كۆلىمى 4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ يايلاقنى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى «سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكى» دەپ ئاتىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يايلاقتىكى كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن خىتايدىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 12% ئىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاي ھازىر بۇ يايلاقنى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن خىتاي شەھەرلىرىگە كۆمۈر توشۇيدىغان مەخسۇس تۆمۈر يول لىنىيىسىنى 2013‏-يىلىدا پۈتتۈرۈشنى پىلانلىغان. خىتاي ھازىر بۇ يايلاققا 100 يۈرۈش بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەكېلىپ بولغان. ئەمدى خىتايدىن بۇ كۆمۈرلۈكتە ئىشلەيدىغان 3 مىڭ كۆچمەن ئەكەلمەكچى.

ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ كۆمۈرلۈك دەل تەڭرىتاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى غەرب تەرىپى جۇڭغارىيە، جەنۇب تەرىپى تۇرپان -قۇمۇل ئويمانلىقى، شەرقىي شىمال تەرىپى تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان گۈزەل بارىكول يايلاقلىرىدا. خىتايلار بۇ جايدا يېزا قۇرۇپ ئۇنىڭ نامىنى سەنتاڭخۇ يېزىسى دەپ ئاتىغان. بۇ يېزىدا ھازىر 390 ئائىلە، 1373 نوپۇس بار، ئۇنىڭ 1266 سى خىتاي، 90 ئى قازاق، 3 ئى موڭغۇل، 3ئى ئۇيغۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.