خەلقئارا ئاگېنتلىقلار: خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا خەلقى 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيتتە ئامېرىكا ئاۋازى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق چوڭ ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرى خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئائىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئورۇن بەردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.09.11

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ۋە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ سىياسىي ھەرىكىتىنى ۋە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كۆز قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي كۆز قارشى ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەلقئارا ئاگېنتلىقلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزلىرى چەتئەللەردە چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى توربەتلەردىمۇ كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.