خىتاي 'يېڭى چېگرا'دا يولغا قويۇلىدىغان بايلىق مەنبەسى بېجىنىڭ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن، يېڭى چېگرادا تۆلەيدىغان بايلىق مەنبە بېجىنىڭ ئۆلچىمى سېتىلىش باھاسى بۇيىچە 5% بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.02

بۇ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى مول بولغان يېڭى چېگرادا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن قوللانغان يېڭى سىياسىتى. شۇنداقلا، خىتاي ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوندا 200 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 1700 ئادەم يارىلاندۇرۇلغان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىللىياردلاپ پۇل مەبلەغ سېلىپ يولغا قويغان 'ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش' دېگەن سىياسەتنىڭ بىر مەزمۇنى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە ، بۇ رايوندىن ئېلىپ كېتىلگەن ھەر توننا خام نېفىت ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 يۈەندىن، ھەر مىڭ كۇپمېتىر تەبىئىي گاز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يۈەندىن باج تۆلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ 'سۇمرۇق تېلېۋىزىيىسى' بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، 6‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا بېنزىن باھاسى2.8% تۆۋەنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.