خىتاي ب د ت يىغىنىدا 19 دۆلەتنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

خىتاي چارشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىدا خىتايغا يازما تەكلىپ، پىكىر بەرگەن دۆلەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تەكلىپ پىكىر بەرگەن 60 دۆلەت ئىچىدىكى 19 دۆلەتنىڭ تەكلىپ، پىكىرىنى قوبۇل قىلىشنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن رەت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.02.11

تەكلىپ پىكىرى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن رەت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، دانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىقلار تەكلىپ پىكرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خىتاي، تەكلىپ پىكىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان دۆلەتلەر شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە چېخىيە، مېكسىكا، ئىتالىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ دۆلەتلەر تەكلىپ پىكرىدە خىتاينى ب د ت نىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، پارىژ نىزامنامىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇش، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دائىر يېڭى بەلگىلىمىنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تەدبىقلاش، ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتچىلىرىنىڭ نامايىش قىلىپ، ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلىشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 تەكلىپ پىكىرى پۈتۈنلەي رەت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى چېخ جۇمھۇرىيىتى بولسا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي پائالىيەت چەكلىمىسى، پائالىيەت ئەركىنلىك چەكلىمىسى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.