خىتاينىڭ بېرمىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت ۋە گاز لىنىيە قۇرۇلۇشى كىشىلىك ھوقۇقچىلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە

خىتاي، ھىندىستان ۋە كورىيە شىركەتلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېرمىدىكى نېفىت ۋە گاز لىنىيە قۇرۇلۇشى بېرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا بېرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «سىۋىي گاز ھەرىكىتى» نامىدا ئاممىۋي تەشكىلات قۇرۇپ، خىتاينىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر قۇرۇلۇشقا نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىدى.

يېقىندا بۇ تەشكىلات دوكلات ئېلان قىلىپ مەزكۇر قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ توختىماي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بېرما ھۆكۈمىتى ۋەتەن ساتقۇچلۇق بىلەن ئەيىبلەندى ۋە ئەگەر قۇرۇلۇش توختىتىلمىسا، رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشقىمۇ سەۋەب بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3900 كىلومېتىر بولۇپ، 2013-يىلى تاماملانماقچى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقچىلار مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بېرما خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت