خىتاي 'شاڭخەي يەرمەنكىسى' مەزگىلىدە قىرغىزىستان ھەم قازاقىستان چېگرىلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان چېگرا ئېغىزىدىكى خې فامىلىلىك بىر خادىم، شاڭخەيدە 1 - مايدىن 4 - مايغىچە ئېچىلىدىغان خەلقئارا يەرمەنكە مەزگىلىدە، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان قازاقىستان چېگرىسىنىڭ 30 - ئاپرېلدىن 4 - مايغىچە 5 كۈن تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان تورغات چېگرىسىدىكى يەنە بىر چېگرا خادىمى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، ئەمما "1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى"كۈنى چېگرىنىڭ بىر كۈن تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۇ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، قىرغىزىستان چېگرىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئۇ سۆزىدە، "بىز قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى، قىرغىزىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئاگاھلاندۇردۇق" دېگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان باشقا دۆلەتلەر چېگرىسىنىڭ يەرمەنكە مەزگىلىدە تاقىلىدىغان ياكى تاقالمايدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرمەنكە ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت