خىتاي، 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسىدە يەنە غەلىبىسىنى تىلغا ئېلىپ مەغلۇبىيىتىنى تىلغا ئالمىدى

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە، «17-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتايدا ئۆتكەن بەش يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر قىسقىچە ئەسلەپ ۋە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-05
Share

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا باشتىن ئاخىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى غەلىبىسى ياكى ئاتالمىش غەلىبىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋەقەلەر تېزىپ چىقىلغان. بۇ ۋەقەلەر ئارىسىدا يازغۇچى مو يېننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمۇ تىلغا ئېلىنغان؛ ئەمما بو شىلەي ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىكنى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

ئەمەلىيەتتە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ بىر كۈن ئىچىدە 196 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1000 غا يېقىن كىشى يارىلانغان. خىتاي 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىدىن چۆچۈپ، رايوندىكى ھۆكۈمدارى ۋاڭ لېچۈئەننى رايوندىن يۆتكەپ كەتكەن ۋە مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتكە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت