300 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى لىئۇ شاۋبو بىلەن ئورتاق جازالىنىشقا تەييارلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،" 08 نىزامنامىسى"نى تەييارلاشقا ۋە ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان 300 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى 10 - دېكابىر كۈنى تور ئارقىلىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ لىئۇ شاۋبو بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009.12.13

چۈنكى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لىئۇ شاۋبو مەزكۇر " 08 نىزامنامىسى"نى تەييارلىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭغا "دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان"، دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر نىزامنامىنى چەكلىگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۆكتىچى پىكىردىكى لىئۇ شاۋبو تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا "ئەگەر لىئۇ شاۋبو ئەيىبلىنىدىغان بولسا، '08 نىزامنامىسى'غا ئىمزا قويغۇچى ھەر بىر ئادەم بۇ دېلونىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر" دەپ كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك يەنە "ئەگەر لىئۇ شاۋبوغا جىنايەت تۇرغۇزۇلۇپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنسا، بۇ بىز ھەر بىرىمىزنىڭمۇ جىنايىتى بارلىقى بىلەن باراۋەر. بىز پەقەت لىئۇ شاۋبو ئەپەندى بىلەن ئورتاق جازالىنىشنى زېممىمىزگە ئالىمىز" دەپ جاكارلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بەش نەپەر خىتاي ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنى ئەلچىخانىدا قوبۇل قىلىپ، سۆزلەشكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.