ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى: ئامېرىكا خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ

خىتايدا ھەربىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتنىڭ زور ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-04-20
Share

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى گاري روگھېاد بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما بۇ جەرياندا ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى كەلگۈسىدە ئاۋىئاماتكا ياسايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا گېنېرالى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاماتكا ياساش تىرىشچانلىقىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ھەربىي سېلىنما ۋە تەرەققىيات جەھەتتە ئوچۇق ئاشكارا بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت