ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە

"شىنجاڭ" نىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلىق تەھدىت ھېسابلانغان ئامىللارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا " بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش" تېمىسى بۇيىچە تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.09.25

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" ۋە " بۆلگۈنچىلەر"نىڭ ئۆز تەسىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەرگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلىش ئارقىلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى ئۇرغۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، شۇڭا مەكتەپلەردە " بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش" تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە يەنە، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىدىيە تەربىيىسىنى توختىماستىن يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت پرىنسىپلىرىنى ئىجرا قىلغىلى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئىشەنچىلىك ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم قورغانى مەكتەپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.