خىتاي - ئەرەب ھەمكارلىق سۆھبىتى تيەنجىندە باشلاندى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تيەنجىندە خىتاي - ئەرەب ھەمكارلىق سۆھبىتى باشلاندى. كوممۇنىست خىتاي بۇ سۆھبەتكە 22 ئەرەب دۆلىتىنى تەكلىپ قىلىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.13

خىتاي بۇ سۆھبەت ئارقىلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى، شۇنداقلا بۇ تىجارەتنى ئافرىقىغا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان سەئۇدى سانائەت شىركىتى خىتاينىڭ تيەنجىن پورتىدىكى نېفىت شىركىتى بىلەن 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىم تۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.