خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىدى

خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يېڭىدىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىدى. شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىگە خېبېي ئۆلكىسىدىن قوبۇل قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق ئەسكەر يېتىپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-14
Share

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسكەرلەر ھەربىي تەلىم تەربىيىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە، بۇ نۆۋەت خېبېيدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن بۇ خىلدىكى تۇنجى تۈركۈم يېڭى ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈملەپ ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 8 - ئىيۇل تارقاتقان بەزى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۈرۈمچى نامايىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن لەنجۇدىن ھەربىي قوشۇن يۆتكىگەن ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئىيۇلدىن ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشقان. بۇ قىسىملارنىڭ ھېلى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت