خىتايدىكى ئەيدىز جەمئىيىتى غۇلجىغا ياردەم قىلماقچى

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەيدىن جەمئىيىتى - «قىزىل لېنتا فوندى جەمئىيىتى» دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى باشلاشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.01


مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«قىزىل لېنتا فوندى جەمئىيىتى» 2005 - يىلى خىتايدىكى سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى 20 شىركەتنىڭ بىرىكىشى ئاساسىدا تەشكىللىگەن ئىدى.

فوندى جەمئىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى رايونىدىكى ئەيدىز تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم بېرىدىكەن. ئاندىن يېزا - قىشلاقلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەيدىزگە قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.