ئۇيغۇر ئاياللىرى ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.


 نامايىشتا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقلار بايان قىلىندى. نامايىش بولۇۋاتقان پەيتتە ب د ت بىناسىدا ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن 15 يىللىق ئاياللار ۋەزىيىتى باھالىنىۋاتقان ئىدى.

 1995 - يىلى 4 - قېتىملىق دۇنيا ئاياللار يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان؛ يىغىننىڭ خىتابنامىسىدە ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئاياللار باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى سۈپىتىدە ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ھەقتە پىلان ۋەدىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

 1 - مارتتىن 12 - مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى ئاياللار يىغىنىدا، 15 يىل ئاۋۋال بېيجىڭدا ئېچىلغان شۇ يىغىندىكى چاقىرىقلارنىڭ ئىجرا ئەھۋالى كۆزدىن كۆچۈرۈلمەكتە ئىدى. شۇڭا نامايىشتا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسانىي ۋە دىنىي ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش قاتارلىق ئاياللار ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەسىلەر توغرىسىدا بىر بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.

 يىغىنغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلغۇچى خانىملار بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.


2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org