فالۇنگوڭچىلار دۇنيا سەھنىسىگە قايتىدىن قەدەم باسماقتا

فالۇنگوڭچىلار ھازىر دۇنيا سەھنىسىگە قايتىدىن قەدەم باسماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فالۇنگوڭچىلار بۈگۈن خوڭكوڭدا دىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ باستۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلدى.

خىتايدىكى يېرىم ئاپتونومىيە ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خوڭكوڭدا بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان فالۇنگوڭ نامايىشىغا 700 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئۇلار بۇ نامايىشتا 10 مىڭ فالۇنگوڭچى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باش شىتابىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامايىش قاتناشقا توسقۇن بولمىغان.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'بىدئەت' دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقان فالۇنگوڭچىلار بۈگۈن تەيۋەندىمۇ ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش شىتابى بولغان جۇڭنەنخەينى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى. تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تىنج نامايىشقا 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

فالۇنگوڭ تەشكىلاتى 1992 ‏ - يىلى قۇرۇلغان ئىدى. بۇ تەشكىلات 1999 ‏ - يىلى بېيجىڭدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باش شىتابى بولغان جۇڭنەنخەينى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى باستۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى.

بۇ تەشكىلات شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ چىداملىق روھى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.