خىتاي شەرقىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.29

بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جامائەت، بۇ مانېۋىرغا قارىتا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇدىغانىلىقىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايمۇ 30 - ئىيۇندىن 5 ‏- ئىيۇلغا قەدەر شەرقىي دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ تېمىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى بىر مانېۋىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ پەقەت خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە توختالغاندا، تەرەپلەرنى كورىيە ئارىلىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت ئەكىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.