ئەمما ئۇيغۇر،تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرلىرىنى نازارەت قىلالايدىغان يۇمشاق دېتالى تېخى يوق بولغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر يەنىلا زور مىقداردىكى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ توردىكى سەزگۈر تېمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكىتى ئوكيان تورىنىڭ 14-ئىيۇل كۈنى خىتاي خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلار تەتقىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت تورلىرىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك بايقاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تېخنىكىسى تەتقىقات تېمىسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ تەتقىقات تېمىسى تاماملانسا، ھازىرقى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تور بەت مەزمۇننى نازارەت قىلىشتا ئۇچراۋاتقان خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىشى مۇمكىن» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك رادىئو، كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 9-ئىيۇل كۈنى «توردىكى فىلىملەرگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىش ھەم بىر تۇتاش باشقۇرۇش» نامىدىكى بىرلەشمە قارارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قارار خىتاي تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 5-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى تەنقىدلەنگەن ئىدى.