ئامېرىكىدىكى ئادۋوكاتلار خىتاينى ئىنتېرنېت سەۋەبى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەمەلدارلىرى يېقىندا، ئامېرىكىدىكى سۆز ئەركىنلىكىنى قوللايدىغان بىر ئاممىۋى ئورگان بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور چەكلىمىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش توغرىسىدا مەزكۇر ئورگاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ پىكىرىنى ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.01.22

"‏1 - تۈزىتىش لاھىيىھىسى" دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئورگاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودىسىغا كاشىلا قىلغانلىقىنى، شۇڭا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش مەسىلىسىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئورگان، 2007 ‏- يىلى بۇش ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ توردىكى نازۇك ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان "سەددىچىن ئوت توسمىسى"نىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى نىزامىغا زىت ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماسلىقىدىكى سەۋەب "ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ تور چەكلمىسىگە قارشى چىقىشقا جاسارەت قىلالمىغانلىقىدۇر" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور چەكلىمىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون تۈنۈگۈن "نيۇزىيۇم" ئاخبارات مۇزىيىدا سۆز قىلىپ، تورغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پرېزىدېنت ئوباما جۈمە كۈنى ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئامېرىكا دۇچ چكېلىۋاتقان مۇھىم مەسلىلەرنىڭ بىرى دەپ ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلە يەنە خىتاي بىلەن سۆزلىشىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.