2. خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى تور ئابونتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ تېزلىكتە كۆپىيىشى، خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۆز مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.11.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تور ئابونتلىرى 485 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغانلار 300 مىليوندىن ئاشقان. خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى باشقۇرۇش ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەسلەشتۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنى رەتكە سېلىپ، خىتايدا چەكلەنگەن خەۋەر ئۇچۇرلارنى تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تور ئابونتلىرى تور بېكەتلىرىدە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، تور ئابونتلىرىنى بىرلىشىپ، دائىرىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى كونترول قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.