خىتاينىڭ بۇ يۇل نويابىردىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل نويابىردىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى سىياسىي داۋالغۇش كېلىپ چىقىش تەھدىتنى كۈچەيتىۋەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.01

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ماددىي ئەشيا ۋە سېتىۋېلىش ئىدارىسى، سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ نويابىردا 38.8 پوئىنتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، 100 پوئىنتلىق ئۆلچەم بويىچە بۇنىڭ 50 پوئنتىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى، خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە ئەگىشىپ مەيدانغا چىقىۋاتقان ئىشسىزلىق ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكنى تەن ئالغان ۋە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىن تاۋ بۇ ھەپتە ئاخىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي كومپارتىيىسى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئىقتىساد بازىرىدىكى داۋالغۇش ۋە تۆۋەنلەش ھادىسىسى، ئاساسلىقى ئېكسپورتقا تايىنىدىغان خىتاي ئىگىلىكىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، نەتىجىدە نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى كۆپلەپ خادىم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇئاڭ شەھىرىدە ئىشتىن بوشىتىۋېتىلگەن ئويۇنچۇق زاۋۇتى ئىشچىلىرى نامايىش قىلغان ۋە زاۋۇتقا بېسىپ كېرىپ، زاۋۇتنىڭ ئەسلىھەلەرنى بۇزۇپ - چاققان ئىدى.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.