خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن ئامېرىكا پۇقراسىغا جازا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن ئامېرىكا پۇقراسى گلېن شرىۋېر جۈمە كۈنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.01.22

ئۇنىڭ ھۆكۈمنامىسى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى تاماملىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا گلېن شرىۋېر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىشكە ئاندىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى خىتايغا بېرىشكە كۆندۈرگەن.

.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرى گلېن شرىۋېر بىلەن 20 قېتىمدەك ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا 70 مىڭ دوللار نەق پۇل بەرگەن.

20 قېتىمدەك ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا 70 مىڭ دوللار نەق پۇل بەرگەن.

گلېن شرىۋېر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ خىتايدىن پۇل ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

.

ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت قارىلىغۇچىسى نېيل ماكبرايد بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: " شرىۋېر ئەپەندى دۆلىتىنى ساتتى ۋە خىتاي خەلق

جۇمھۇرىيىتىگە مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى سېتىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىمىزغا خىزمەتكە كىرىشكە كۆپ قېتىم ئۇرۇندى" دېگەن.

: " شرىۋېر ئەپەندى دۆلىتىنى ساتتى ۋە خىتاي خەلق

جۇمھۇرىيىتىگە مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى سېتىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىمىزغا خىزمەتكە كىرىشكە كۆپ قېتىم ئۇرۇندى" دېگەن.

" دېگەن.

گلېن شرىۋېرنىڭ جىنايەتلىرى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 4 يىللىق قاماق جازاسى ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىنمۇ جاسۇسلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى.

4 يىللىق قاماق جازاسى ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىنمۇ جاسۇسلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا زىيان سېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى.

.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.