ئىتالىيە ساقچىلىرى 1مىليون 7 يۈزمىڭ "زەھەرلىك ئاياغ" نى مۇسادىرە قىلدى

جۈمە كۈنى ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى، چەكلەنگەن بىر خېل خىمىيىلىك ماددا ئارىلاشتۇرۇلغان تىرە بىلەن ياسالغان خىتايدىن ئىتالىيىگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن 1مىليون 700 مىڭ جۇپ ئاياغنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.27

ئىتالىيە ساقى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي ئېيىدا " زەھەرلىك ئاياغلار" نامى ئاستىدا ئىتالىيىدە سېتىلىۋاتقان ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق بىر خىل خىمىيىلىك ماددى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاياغلارغا قارشى ھەرىكەت باشلاتقان ئىتالىيە ساقچىلىرى، ھازىرغىچە 21 نەپەر خىتاي ۋە 7 ئىتالىيە پۇقراسىنى قولغا ئالغان.

ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى، خىتايدا ياسالغان بۇ ئاياغلارغا " ھەقىقى تىرە" ۋە ئىتالىيىدە ياسالغان دېگەن بەلگىلەر چاپلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زەھەرلىك ئاياغلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئىتالىيىنىڭ توسكانا ئۆلكىسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، لېكىن توسكانا سىرتىدىكى ئۈچ رايوندىمۇ تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.