ئامېرىكىغا قاچقان خىتاي 'جاسۇسى' ئامېرىكىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.03.20
2009.03.20
ئىلگىرى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان لى فېڭجى ئىسىملىك خىتاي جاسۇسى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئامېرىكىدىن سىياسى پاناھلىق تەلەپ قىلغان.
لى فېڭجىغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان تۇنجى خىتاي جاسۇسى ئىكەن. لى فېڭجى پەيشەنبە كۈنى فالۇنگوڭچىلار تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاخبارات يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئۆكتىچى زاتلار، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە چارىسىز بىچارە كىشىلەر ئۈستىدىن جاسۇسلۇق ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، "ناھايىتى غەزەپكە" كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لى فېڭجى مۇنداق دەيدۇ": جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى تۆھمەت ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپلا قالماي ھەقىقى ئەھۋالنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈچىنىڭ بېرىچە يوشۇرماقتا."
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى فېڭجىنىڭ سالاھىيىتى غەربتىكى مەلۇم بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇ 2004 - يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايدىن يۈز ئۆرىگەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى باۋدوڭ لى فېڭجىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، "جۇڭگو ئامېرىكىغا قارشى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق" دېگەن.