خىتاي بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھىسىنى ئوغرىلىغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىسىڭ ئىنتېرنېت سىستېمىسىغا كىرىپ، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھىسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.04.23

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا چىققان خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھىسىنى ئوغرىلىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى " مەسئۇلىيەتسىزلىك" ۋە "ئويدۇرما" دەپ ئەيىپلىدى.

ئامېرىكا "ۋالسترېت ژورنال" گېزىتى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگەن خاكىرلارنىڭ خىتاينى بازا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈي بولسا خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى باستۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئالدىنقى كۈنى خاكىرلارنىڭ بۇنىڭدىن 2 يىل بۇرۇن بەش بۇرجەكلىك بىنانىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىپ، " ف - 35" تىپلىق ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھىسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، لېكىن مەخپىي ماتېرىيالنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

جياڭ يۈي " بەزى كىشىلەر ئۆسەك سۆز تارقاتماقتا. ئۇلارنىڭ مەقسىدىنىڭ نېمىلىكى ماڭا مەلۇم ئەمەس،" دېگەن. لېكىن بۇ خىتاينىڭ تۇنجى ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا كىرىپ، ئوغرىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس. بۇرۇن خىتاي، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تور سىستېمىسىغا كىرىپ، جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.