خىتاي جەنۇبىي سۇدانغا 8 مىليارد دوللار قىممىتىدە قەرز بېرىشكە ۋەدە بەردى

يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي تەرەپ جەنۇبىي سۇدانغا 8 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە قوشۇلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.04.29

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ پۇللار جەنۇبىي سۇداننىڭ يېزا ئىگىلىك، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئالاقە قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

جەنۇبىي سۇدان بىلە شىمالىي سۇدان ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇپ، ئاساسلىقى نېفىت قاتارلىق يەر ئاستى بايلىق بازىلىرىنى تالىشىش مۇھىم توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلانغان.

بۇ ھەپتە شىمالىي سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار يۈزبەرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ناچار ھالەتكە كۆچكەن ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ سۇداندا 100 غا يېقىن شىركىتى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى نېفىت قېزىش ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ھەم قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ، كېلىشتۈرگۈچى بولۇشىنى خالايدىكەن.

خىتاي تەرەپ جەنۇبىي سۇدانغا يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.