ئۇيغۇر ئېلى ئۇچۇر تورلىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، 5 - 6 - مارت كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 15 ۋىلايەت ۋە شەھەر ساقچى ئىدارە باشلىقلىرى قاتناشقان. يىغىندا، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇقىملىق خىزمىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ " خەلقئارالىق ئىقتىسادىي كرىزىس ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش يەنىمۇ كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى ئىچىدىكى "ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان بۇزغۇنچىلىق تاكتىكا پىلانلىرىنى ئالدىن بايقاپ، قاتتىق زەربە بېرىش" كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى،خىتايدىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارنىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر"نىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا دائىر ئېنىق پاكىت كۆرسىتەلمىگەن، پەقەت 1 - ئايدا ئاۋات ھەمدە لوپ ناھىيىلىرىدە قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ ئاچقان ئورۇندىكى يىگىرمە نەچچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيانقى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مىسال ئالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ ھەتتا قەشقەر قاتارلىق بەزى جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال بۇرۇت قويىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى مەلۇم.