خىتاي ليۇ شاۋبونىڭ نوبىل نامزاتلىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، "ئەگەر تىنچلىق مۇكاپاتى مۇشۇنداق بىر كىشىگە بېرىلسە پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ،" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.02.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ليۇ شاۋبو ئالدىنقى يىلى خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىپ، "2008 نىزامنامىسى" دەپ ئاتالغان بىر خىتاپنامە تەييارلىغان ۋە بۇنىڭغا ئىمزا قويۇش ئاممىۋىي ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. ئۇ يېقىندا "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، 11 ‏يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ليۇ شاۋبونى نوبىل نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن: "ئەگەر نوبىل مۇكاپاتى ليۇ شاۋبوغا بېرىلسە، دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىنساندىن تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس بىر ھەق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولىدۇ."

ليۇ شاۋبونىڭ نامزاتلىقى خېتىگە Salman Rushdu، Philip Roth ۋە Ha Jin قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.