دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى بولغان خەلق تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى ئېڭگىلىزچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە «قارشى تۇرۇش» نامىدا چوڭ تىپتىكى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-09-13
Share

ئەمما خەۋەردە مانېۋىرنىڭ قايسى جايدا قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسەت ھەم قورال كۈچى ئارقىلىق، رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رايوندا تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 7-ئاي مەزگىلىدە خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ساقچىخانا ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە «يىلپىز ئالاھىدە ئەترىتى» نامىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت