خىتاي: مانېۋىر «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىگە قارىتىلغان

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئېلىپ بارغان مانېۋىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-05-07
Share

مانېۋىرغا خىتاي، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن كەلگەن ئالاھىدە ساقچىلار قاتناشقان. مانېۋىر جۈمە كۈنى بىر كۈن ئېلىپ بېرىلغان.

خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «مىڭپاۋ» گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي: بۇ قېتىمقى مانېۋىر نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، بولۇپمۇ « شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» نىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتىن جۇڭگو تېررىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلغان، دېگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر مانېۋىرنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدىغان، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە زەر بەر بېرىشكە قارىتىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

مانېۋىرغا «تەڭرىتاغ 2» دەپ بېرىلگەن بولۇپ، مانېۋىرغا قانچىلىك ئەسكەر قاتناشقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

مانېۋىر ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ قەشقەر رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان نىشانلىق زەربە بېرىش ھادىسىلىرى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي 2006- يىلى قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە «تەڭرىتاغ 1» ناملىق مانېۋىرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت