خىتاي ھۆكۈمىتى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشكە بۇيرۇغان

خىتاي ھۆكۈمىتى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى پىلانلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈشىگە بېرىلىدىغان ياردەمنى كۆپەيتىپ، 2020-يىلغىچە 760 مىڭ چارۋۇچىنى ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈرۈپ بولۇشنى پىلان قىلغان.

بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليون 200 مىڭ چارۋىچىنىڭ تەخمىنەن 64 % نى ئىگىلەيدۇ. بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھازىرغا قەدەر قانچىلىك چارۋىچىنىڭ ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈرۈپ بولۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يايلاق قوغداش پروگراممىسى» دەپ ئاتالغان چارۋىچىلارنى ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى مەزكۇر پىلانى ئىچكى موڭغۇلدىمۇ يولغا قويۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بەزى مۇھىت قوغداش ئورگانلىرى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

د ئۇ ق ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مەزكۇر پىلانى تەنقىد قىلغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى شارائىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق مەزكۇر پىلان چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈپ، يايلاقنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كان ئېچىشىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئىلگىرى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىكى 40 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننى 400 نەچچە مىڭ مو يايلاقتىن كۆچۈرۈۋېتىپ، خىتاي كان شىركەتلىرىگە ئېلىپ بەرگەن. بۇ توقسۇنلۇق دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىدا نامايىش قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت