ۋۇكەن يېزىسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋام قىلماقتا

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن يېزىسىدا دېھقانلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىپ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن بۇيان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر يېزىنى قورشاپ يېتىشنى داۋام قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.17

جۈمە كۈنى يېزىدىكى 13 مىڭ خەلق جەسىتى يېزا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قولىدا قالغان بىر سەپدىشىغا ھازا ئېچىش ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى ئۇلارنىڭ خەۋىرىسىز يەر - مۈلۈك شىركەتلىرىگە سېتىۋېتىلگەن، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دېھقانلار بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلغان. كېيىن يېزىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ساقچى خادىملىرى نامايىشقا تاقابىل تۇرالماي قاچقان.

نۆۋەتتە يېزىدا بىرمۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قالمىغان. نامايىشچىلار قوللىرىدا «يەر - زېمىنىمىزنى جان تىكىپ قوغدايمىز»، «ئوز يېرىمىز، دېموكراتىيە ۋە ئوچۇق - ئاشكارىلىقنى تىلەپ قىلىش بىر جىنايەتمۇ؟» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىشىنى يەنە داۋام قىلماقتا.

بۇ نامايىشنىڭ يەنە قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھازىرچە قاراڭغۇ.

ئالدىنقى كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر يېزىغا كېلىدىغان سۇ ۋە يېمەك تەمىناتى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى، يېزىدىكى زاپاس سۇ ۋە ئاشلىقنىڭ يەنە ئون كۈن يېتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.