نوبېل ساھىبى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ خىتاي يازغۇچىغا بېرىلگەنلىكى بىر «پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت»

ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نوبېل ساھىبى شەنبە كۈنى ئاخبارات ساھەسىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ نۆۋەتلىك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ خىتاي يازغۇچى ماۋ يەنگە بېرىلگەنلىكىنى بىر «پاجىئەلىك مەغلۇبىيەت» دەپ سۈپەتلىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.24


بۇ سۆزلەرنى 2009 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمانىيىلىك يازغۇچى ھېرتا مۇېللېر شەنبە كۈنى شۋېتسىيىدە چىقىدىغان «داگېنس نيھەتېر گېزىتى» گە بىلدۈرگەن.

ھېرتا مۇېللېر ماۋ يەننىڭ ماۋزىدوڭنىڭ «ئەدەبىيات - سەنئەت چوقۇم كوممۇنىستىك پارتىيىنى قوللىشى كېرەك» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر نۇتقىنى قولىدا كۆچۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇنى ئەيبلىگەن.

گېزىتتە نەقىل قىلىشىچە ھېرتا مۇېللېر مۇنداق دېگەن: ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۆزىمۇ ماۋ يەننى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى بىلەن ئوخشاش دەيدۇ. ئۇ، پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلەشنى قوللايدۇ. بۇ مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشى كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.

ئۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ نوپۇزلۇق مۇكاپاتنىڭ ماۋ يەنگە بېرىلگەنلىكىگە غەزەپلىنىپ يىغلىغۇسى كەپكەتكەنلىكنى ئېيتقان.

ھېرتا مۇېللېر ئەسلى رۇمىنىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن گېرمانىيىگە يەرلەشكەن. ئۇنىڭ رۇمىنىيىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ئىپادىلەنگەن «يېشىل ئالۇچىلىق تۇپراق» ناملىق رومانى داڭلىقتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.