خىتاي يەنە ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ، خىتاينىڭ، ئاقساراي باياناتچىسى تۈنۈگۈن ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۈگۈنكى باياناتىدا تېخىمۇ قاتتىق ئىبارە قوللىنىپ 'جۇڭگو دالاي لامانىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا، شۇنداقلا، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق نام بىلەن ياكى ھەر قانداق شەكىلدە كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

2008‏ - يىلى تىبەت رايونىدا خىتاينىڭ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاتىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت يۈز بەرگەندە، خىتاي چۈچۈپ كېتىپ، دالاي لامانى 'جۇڭگونى پارچىلىماقچى'، 'تىبەتنى مۇستەقىل قىلماقچى' دەپ ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتىدە تەيۋەنگە قورال ساتقاندىن كېيىن، خىتاي دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇلتۇر خىتاينى زىيارەت قىلغاندا 'دالاي لاما خەلقئارا ھۈرمەت قىلىدىغان دىنىي داھى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاقسارايدا كۈرۈشىمەن، خىتايمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك' دېگەن سۆزگە تۈنۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت