خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى گېرمانىيىنىڭ «تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى لياۋ يىۋۇ پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىدە يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان «گېرمانىيە كىتابچىلىقى تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


لاۋ ۋېي تەخەللۇسى بىلەن تونۇلىدىغان بۇ يازغۇچى 1989 - يىلى 3 - ئىيۇن يازغان «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدىكى «قىرغىنچىلىق» ناملىق شېئىرى سەۋەبلىك 1990 - يىلى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇ 1998 - يىلى خىتايدىكى ئۆكتىچى يازغۇچىلار تەرىپىدىن 70 - يىللاردا يېزىلغان شېئىرلا كىرگۈزۈلگەن «خاراب بولغان مۇقەددەس قەسىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان. گەرچە بۇ توپلام ئەينى چاغدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى كىتابنى چەكلەپلا قالماي، بۇ كىتابنى نەشر قىلغان «شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» نىمۇ قايتا رەتكە سالغان ئىدى.

لياۋ يىۋۇنىڭ يەنە بىر نادىر ئىجادىيىتى بولسا «جۇڭگونىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئارقىلىق، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ كىتاب يۇقىرى تىراژ بىلەن 2001 - يىلى تەيۋەندە نەشر قىلىنغان ۋە فرانسۇزچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لياۋ يىۋۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلىگەن. ئەمما ئۇ 2011 - يىلى 3 - ئايدا ۋيېتنامغا پىيادە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، شۇ يىلى 7 ئاينىڭ 6 - كۈنى گېرمانىيىگە كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىم ئېرىشكەن مۇكاپات گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 32 مىڭ دوللار.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت