بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلەر، نازارەت ئاستىدىكى ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى يوقلىدى

ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ 26 ئايدىن بېرى نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئايالى ليۇشيانى، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يوقلىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.31

ئۇ بۇ ئىشنى بېجىرىشتە نازارەتچىنىڭ چۈشلۈك تاماققا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلانغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنى 31-دېكابىر كۈنى، بېيجىڭدىكى ئۆكتىچىلەردىن خۇ جيا ۋە يۈشياۋيۈ قاتارلىق كىشىلەر نازارەتچى ساقچىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ليۇ شيا بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتايچە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر ليۇ شيانىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئالدى بىلەن نازارەتچى ساقچىلاردىن ليۇ شيا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۆكتىچىلەر نازارەتچىنى ئىتتىرىۋېتپ ئۆينىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەن ۋە ليۇ شيا بىلەن 3 مىنۇت ئەتراپىدا ئەھۋاللاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەرياننىڭ ۋىدىئو كۆرۈنۈشى بىر قىسىم تور بەرلەرگە قويۇلغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتىن ليۇ شيانىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكى ۋە پىچىرلاپ گەپ قىلغانلىقى مەلۇم بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆكتىچىلەرگە ئېنىق نېمە دېگەنلىكى ئاڭلانمىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۆتكەن قېتىم ليۇ شيانى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 26 ئايدىن بېرى نەزەربەند قىلىنغانلىقى، ھەپتىدە بىر قېتىم مۇھىم سودىلىقلار ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئايدا بىر قېتىم ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە تۈرمىگە بېرىپ يولدىشى ليۇ شاۋبو بىلەن كۆرۈشىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.