خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە خادىم يۆتكەپ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىدىن كېيىن، بىر ئۆلكە بىر رايونغا مەسئۇل بولۇش شەكلىدە، ھەر قايسى خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە خادىم يۆتكەپ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش يىغىنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.12

جياڭشى ئۆلكىسى سىملىق تېلېۋىزىيىسى خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، 11 - ئاپرېل جياڭشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرى بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىگە كېلىپ، ئاقتۇ ناھىيىسىدە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئاچقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جياڭشى ئۆلكىسى ئاقتۇ ناھىيىسىدە جياڭشى يولى قاتارلىق 3 تۈر بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىكەن.

بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنى" دىن كېيىن، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرى قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا خادىم ئەۋەتىشكە باشلىغان ئىدى.

بىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى قەشقەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان ۋە قەشقەرنىڭ تاش بازىرى ئەتراپىدا يىۋۇلۇقلار شەھەرچىسىنى قۇرۇپ خىتاي دۇككاندارلىرىغا ئېچىۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.