خىتاي 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.02

خىتاي جىگەر كۆچۈرۈش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خەيبۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى ئەتىيازغا قەدەر ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە يېڭى تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە ئىئانە قىلىنغان ئورگانلارنىلا ئىشلىتىش يولغا قويۇلىدىكەن.

خىتايدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى بىمارلارغا كۆچۈرۈش قىلمىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.