خىتاي پاكىستانغا سېتىپ بەرگەن يادرو رېئاكتورىنى 'تىنچلىقپەرۋەر' دېدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يادرو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى "تىنچلىقپەرۋەر ھەمكارلىق" دەپ تەرىپلىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-17
Share

چىڭ گاڭ سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ يادرو ساھەسىدە ياخشى ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پۈتۈنلەي تىنچلىقپەرۋەر ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي دۆلەتلىك يادرو شىركىتى يېقىندا پاكىستانغا ئىككى يادرو رېئاكتورى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا "خىتاي بۇ سودا ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات بېرىشى كېرەك ۋە بۇنى چوقۇم خەلقئارا يادرو تەمىنلىگۈچىلەر بىرلىكى NSG' نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك" دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت