خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.03.21

بۇ ئۇچۇر ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلسا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ مەسىلىدە كېلەر ئايدا قارار چىقىرىشنى بېكىتكەن ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭنىڭ ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭمۇ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى" يۈزەكى ۋە تار دائىرىلىك" دەپ تەنقىد قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى جوڭشەن 24 - مارتتىن 26 - مارتقىچە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئىختىلاپلىرىنى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇدىكەن.

خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تۆۋەن سەۋىيىدە كونترول قىلىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت سودىسىدا پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىم خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق، نەتىجە بەرمەي، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپىنىڭ بارغانسېرى كۈچۈيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.