خىتاي دائىرىلىرى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-03-06
Share

رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا سۆزگە چىققان خىتاي مەركىزىي بانكىسى باشلىقى جۇ شاۋچۈەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى ھامىنى بىر كۈنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي 2008 - يىلىدىن بېرى بىر خىل نىسبەتتە ساقلاپ كېلىنىۋاتقان پۇل سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىش دەۋرىدە خىتاي ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشقانلىقى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە، "بۇ خىل سىياسەتنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

خىتاي ئۆز تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل نامۇۋاپىق پۇل سىياسىتى ئامېرىكا قاتارلىق خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ تاشقى سودا نىسبىتىدە قىزىل رەقەم كۆرسەتكەن بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دائىرىلىرى خىتاينى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە قىستاپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت