جىنايى ئىشلار قانۇنى يېڭى لايىھىسىدە «مەخپىي تۇتقۇن قىلىش» يەنىلا كۈچكە ئىگە

بۈگۈن بېيجىڭدا داۋام قىلىۋاتقان 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلگەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىدا ئالدىنقى قېتىمدىن پەرقلىق ھالدا ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن، ئۇنىڭدا ئالدىنقى قېتىمدىن پەرقلىق ھالدا «قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش» دېگەن شەرت قوشۇلغان.

ئالدىنقى يىلى باھالاشقا قويۇلغان نۇسخىسىدا، ئەگەر «دېلو پاش قىلىشقا پايدىسىز شارائىت يارىتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولسا تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خەۋەر قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ»، دېگەن ماددا بار ئىدى. لايىھە ئېلان قىلىنغاندا بۇ ماددا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەبىرى ۋە چېگراسى ئېنىق بولمىغان «دېلو پاش قىلىشقا پايدىسىز» دېگەن سۆزنىڭ «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» قىلمىشىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغانلىقى، نەتىجىدە، خىتايدىكى «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىدا خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرى بىر ئاز نەزەرگە ئېلىنىپ، ھەرقانداق تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا چوقۇم خەۋەر قىلىنىش شەرت قىلىپ قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما لايىھە مەخپىي تۇتقۇن قىلىشنى يەنىلا چەتكە قاقمايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ماددا ئارقىلىق ئاساسلىق ئۆكتىچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت