1300 كىلومېتىرلىق قازاق - خىتاي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى

قازاق - خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى خىتايغا گاز يەتكۈزىدىغان 1300 كىلومېتىرلىق قازاق- خىتايي تۇرۇبا لىنىيىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-12
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى قازاق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايۇف بىلەن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىرلىكتە ئېلان ئىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر 1300 كىلومېتىرلىق گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ئارىلاشتۇرۇلمىغان تۇنجى چەتئەلگە گاز ئېكسپورت قىلىش تۇرۇبا لىنىيىسى ئىكەن.

قازاقىستان دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتى "كازمۇنايگاز" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ خىتايغا گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 2010 - يىلىدا كۈنىگە خىتايغا 13 مىليارد كۇب مېتىرلىق سەۋىيىگە يېتىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، قازاق - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ قازاق بۆلىكىنى تاماملاشقا 6.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 4 مىڭ ئەمگەك كۈچى ئاجرىتىلغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسىغىمۇ كۆز تىكىپ كەلمەكتە ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن 7 مىڭ كىلومېتىرلىق تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىيي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى توختامى تۈزگەن بولۇپ، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى 1300 كىلومېتىرلىق قازا -خىتاي تۇرۇبئا لىنىيىسىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت