خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ پۇلنىڭ 5 مىليارد دوللىرى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ قازاقىستان قازمۇنايگاز شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، قازاقىستاننىڭ مانگىستائۇ مۇناي گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
قازمۇناي گاز شىركىتى خىتاي تەرەپنىڭ مانگىستائۇ مۇناي گاز شىركىتىنىڭ 49 % پاي چېكىگە شېرىك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقلار بۇ كېلىشىم قازاقىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتىدا بىر دۆلەتكە تايىنىپ قېلىش ئەھۋالىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىغا نېفىت تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى غەرب ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىدىغان بولۇپ، ئېكسپورت ئىشلىرىدا رۇسىيىگە تايىنىدۇ. خىتاي 2008 - يىلى قازاقىستان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى تۇرۇبا يولى بىلەن 42 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلغان.
بۇ كېلىشىم قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان بولۇپ، خىتاي قازاقىستان تەرەققىيات بانكىسىنى 5 مىليارد دوللار قەرز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان.
