خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ قورال-ياراق سودىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ دانىيىدە زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، دانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي رەئىس خۇ جىنتاۋغا خەلقئارا قورال سودىسىنى چەكلەشتە ئويناۋاتقان سەلبىي رولى توغرۇلۇق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاپانچا ۋە باشقا يېنىك تىپلىق قوراللارنى ب «ب د ت قورال-ياراق سودىسىنى چەكلەش كېلىشىمى» دىكى ئېلىپ-سېتىش چەكلىنىدىغان قوراللار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشتە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى قاتتىق نارازى قىلغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈنكى باياناتىدا يىلىغا 500 مىڭ ئادەمنىڭ دەل مۇشۇ خىل قوراللار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دانىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

«ب د ت قورال-ياراق سودىسىنى چەكلەش كېلىشىمى» نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش يىغىنى 7- ئايدا نيۇيوركتا ئېچىلىدىغان بولۇپ، ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى قورال-ياراقنىڭ خەلقئارادا ئەركىن ئېقىپ يۈرۈشىنى توسۇش، تىجارىتى چەكلىنىدىغان قوراللارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت